سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت >> توردا پۇل تېپىشcontribute

توردا پۇل تېپىشتا سەمىمي بولغان ئەۋزەل

توردا پۇل تېپىش ئەمەلىيەتتە پۇل تېپىشنىڭ قۇلايلىق بىر خىل ئۇسۇلى. بىراق، تور سودىسى بىزگە يىتىپ كەلگىنىگە ئانچە ئۇزۇن بولمىدى. توردا پۇل تېپىشنىڭ تۈرى كۆپ. نۇقۇل ھالدا گوگىل، 890 ئېلان سۇپىسىنىڭ ئېلان كودىنى قۇيۇپ پۇل تېپىشقىلا ئېسىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. توردا پۇل تېپىشنىڭ ھەرخىل ئۇسۇللىرى بارلىقى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 3-سانىدا ئېيتىپ ئۈتۈلگەن ئىكەن. تورداشلار ۋاقىت چىقىرىپ ژورنالنى كۈرۈپ باقسا بۇلىدۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە توردا پۇل تېپىش ئاساسەن ئومۇملاشتى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيلىرىدىن چىقمايلا ھەرخىل ماللارنى ساتىدۇ ۋە سېتىۋالىدۇ. مەيلى سېتىۋېلىڭ ياكى سېتىڭ، سەمىمىيلىك ۋە ھەقىقىيلىك ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشىدىغان ۋە ئاسان تەرققىي قىلىشنىڭ مۇھىم شەرتى. سەمىمىيەتسىز كىشىلەر مەلۇم كىشىلەرنى ئالدىغىنى بىلەن ھامان ئاشكارلىنىدۇ. ئالغىنقى يىللىرى ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا بوشلۇق سېتىپ نۇرغۇن تورداشلارنى بوزەك قىلىپ، پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بوشلۇق ساتقۇچىلار ۋە سەمىمىيەتسىزلىك بىلەن بىر مەزگىلدىن كىيىن ئەزالىرىنىڭ تور بىكەتلىرىنى يۈتىۋېلىپ مەسئۇلىيەتنى مۇلازىمىتىرغا دۆڭگەپ قۇيۇپلا نۇمۇس قىلمىغان بىر قىسىم تور سودىگەرلىرى نىڭ ئالدامچىلىقى ۋە سەمىمىيەتسىزلىكى كىيىن ھەممەيلەنگە مەلۇم بولۇپ سەتلەشكەنلىكىدەك ئىشلار داۋاملىق يۈز بەرمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ. توردا مەيلى نىمىلا ئىش قىلماڭ سەمىمىي بۇلۇڭ. سەمىمىيلىك ئاق كۆڭۈللۇك ھامان كىشىلەر تەرپىدىن ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇلىدۇ ۋە ئاسان قۇبۇل قىلىنىدۇ.

بىر نەپەر تورداش باھا يازدى تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. Uyghur.Adsense ئەپەندىم، Google ھىساۋات ئارقا بىتىمىزدە سۈرەتلىك ئىلان ئىلتىماس قىلغىلى بولىدىغان بىر يىرىنى كۆردۈم مۇشۇ ھەقتە بىر يازما يىزىۋەتمەمسىز