سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت >> ئېلان تەڭشەشcontribute

ئېلان ھىساباتىڭىز توختىدىمۇ؟ ئېلان ھىساباتى يەنە توختىدى…

ئېلان ھىساباتىڭىز توختىدىمۇ؟ ئېلان ھىساباتى يەنە توختىدى…

ھەممە مەلۇم بولغىنىدەك، Google Adsense ئېلانى ئارقىلىق كىرىم قىلىۋاتقان تور بىكەتلەر ئاز ئەمەس. مەسىلەن: دىيارىم، بىلىك ، سەلكىن، جاسۇس، تەدبىركار دىگەندەك تور بىكەتلەر ئاساسەن بارلىق چىقىمىنى Google Adsense ئارقىلىق قامداۋاتىدۇ… دىمىسىمۇ يۇقارقى بىكەتلەرنىڭ زىيارەت ئېقىمى ئالاھىدە يۇقىرى ھەم كىرىمىمۇ ياخشى. ئۇندىن باشقا نۇرغۇن تور بىكەتلەرمۇ بار ياخشى كىرىم قىلىۋاتقان.
ئەمما نۇرغۇن ئۇيغۇر تور بىكەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ [hidden]نەزىرىدە Google Adsense كىلىشىمنامىسى ھېچنىمىگە ئەرزىمەس قۇرۇق گەپ . بىز ئۇيغۇر Adsense تور بىكىتى باشتىن ئاخىر بارلىق ئۇيغۇر تور بىكەت قۇرغۇچىلىرىغا كىشىمىگە خىلاپلىق قىلماسلىق توغرىسىدا ئەسكەرتىپ كىلىۋاتىمىز. كىلىشىمگە خىلاپلىق قىلسىڭىز ئېلان ھامان بىر كۈنى توختايدۇ. توختىغاندىمۇ سىزنى ھەسرەت-نادامەت بىلەن ئازاپلاپ توختايدۇ.
يېقىنقى 10كۈندىن بىرى ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەردىكى نۇرغۇن ئېلانلار توختاپ كەتتى… ھەتتا داڭلىق بىر قىسىم تور بىكەتلەرنىڭمۇ ئېلانى توختاپ كەتتى.. بۇ يەردە بىر دىن بىر سەۋەب شۇكى [كىلىشىمگە خىلاپلىق قىلدىڭىز ۋە بىزنىڭ ئېلان تارقاتقۇچى خېرىدارلىرىمىزغا زىيان سالدىڭىز] دىن ئىبارەت.
سىز ئادسىنىس ھىساباتىڭزىغا كىرسىڭىز تۈۋەندىكىدەك ئۇچۇرنى بايقىسىڭىز ئېلان ھىسابىڭىزدىن ئۈمۈد ئۈزۈڭ.

[align=left]帐户已禁用
此登录信息所对应的 AdSense 帐户目前已被停用。建议您查看电子邮件收件箱,看看是否收到了我们就您的帐户状态给您发送的邮件。我们的邮件有时可能会被电子邮件过滤器拦截。因此,请务必查看您电子邮件帐户的“群发/垃圾邮件”文件夹。 [/align]نىمە ئۈچۈن Google Adsense ھىساباتى توختايدۇ؟
كىلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن.
مەن قايسى كىلىشىمگە خىلاپلىق قىلدىم؟
سىز ئېلان كودىنى Mp3, Movie قاتارلىق يەنى كىنۇ، ناخشا بەتلىرىگە قۇيۇپ پۇل تاپتىڭىز.، ئىنىقكى ئۇلار %100 نەشىر ھۇقۇقىغا چېتىلىدىغان مەزمۇنلاردۇر. سىز بىكىتىزگە نەشىر ھۇقۇقىغا چىتىلىدىغان بىر تال ھۆجقەت قويسىڭىزلا ئېلانىڭىز توختىتىلىدۇ.

ئۇنداقتا مەن قانداق بىكەتلەردە پۇل تاپسام بۇلىدۇ؟
مىسال: تەدبىركار بىلوگى، بىر زات بىلوگى، جىك بىلوگى، 80 خالتا بىكىتى، www.xsada.com تور بىكىتى، بىلىك تور بىكىتى دىگەندەك كەسپىي، خاراكتىرى ئىنىق، خاسلىقى بار بىكەتلەرگە ئىنتايىن ماس كىلىدۇ.

توختاپ كەتكەن ھىساباتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇلامدۇ؟
ياق، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. ئۈمۈدىڭىزنى ئۈزۈڭ شۇنداقلا ئادسىنىس كىلىشىمنامىسى بۇيىنچە سىز يەنە مەڭگۈ ئادسىنىس ھىساباتى ئىلتىماس قىلىشىڭىزغا بولمايدۇ.
( چاندۇرمايمەن دەپ قارىسىڭىز سىناپ باقسىڭىز بۇلىدۇ… ئەمما توختاپ كىتىش نىسبىتى 1- قىتىملىق ھىساباتىڭىزدىن كۆپ يۇقىرى بۇلىدۇ… خۇددى قىز بىلەن جۇۋاننىڭ پەرقى بولغاندەك).

ئېلان ئىلتىماس قىلسام يەنە تەستىقلامۇ؟
ھازىر ئېلان ھىساباتى ئېلىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىش بەك تەس. يەنە كىلىپ يېقىندىن بىرى تۈزۈم يەنە چىڭىۋالدى… بىز يېقىندىن بىرى ھەرقايسىڭىزلار ئىلتىماس قىلىش ھەققىدە ياردەم بىرىپ كىلىۋاتىمىز… خالىسىڭىز ئىزدەڭ. بىر قىسىم مەسلىھەت ۋە ياردەملىرىمىزدىن بەھرىمەن بۇلىسىز.
چچ :421151165 [/hidden]

9 نەپەر تورداش باھا يازدى تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا مەنمۇ يولۇقتۇم….كىرىمىم 200$ بولغان ئىدى … پۇلنى بەرگىسى كەلمىگەن ئوخشايدۇ ..[face05]
    مەن قايتىدىن ھېسابات تىزىملىتالامدىم ؟

  2. مەنمۇ بىر كۆڭۇل ئىچىش خارەكتىرىدىكى بىكەتكە ئىلان ئىلتىماس قىلىپ قوياي دىگەنتىم ،ۋاز كەچسەم بولامدۇ نىمە؟

  3. مىنىڭمۇ 500$ پۇلۇم توختاپ كەتتى بى ئىش ماڭا بەك ئىخىر كەلدى

  4. Uyghur.Adsense

    مىنىڭمۇ 500$ پۇلۇم توختاپ كەتتى بى ئىش ماڭا بەك ئىخىر كەلدى

    دىلپاك بۇرادەر: 500دولالر ئاز پۇل ئەمەس. ئەگەر بەك ئاۋارچىلىق كۆرمىسىڭىز سىز ئۇلارغا ئەرىز قىلىپ سىناپ كۈرۈڭ. ئەرىز قىلىش ھەققىدە بىر كۆرسەتمە ماقالا بار. ئۇ ماقالىنى مۇشۇ بىكەتتىن تالاپايسىز…
    http://www.googleelani.cn/search.asp?SearchContent=pin&searchType=title

  5. tilikim.cn

    مىنىڭ مۇ ھىساۋاتىم توختاپ كىتىپتۇ؟؟؟؟؟؟[face11]

  6. توختاپ كەتكەن ھىساباتنى پەقەتلا ئەسلىگە كەلتۇرگىلى بولمامدۇ ھەي ئىسىت…………….
    ئەمدى گوگىلدىن ئۆمىد قالماپتۇدە ماڭا
    مىنىڭمۇ 1 ھەپتە ئىلگىرى توختاپ كەتتى ئىسىت……….

  7. Uyghur.Adsense

    توختاپ كەتكەن بولسا ئاساسىي جەھەتتىن ئامال يوق. ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ نامىدا قايتا ئىلتىماس قىلسىڭىز بۇلىدۇ.

  8. Uyghur.Adsense

    ئەرزىر قىلسا ھازىر ئانچە ئۈنۈملۈك بولمايدۇ، يەنە كىلىپ بىزنىڭ تىلىمىزدىكى ھىساباتلارغا نىسبەتەن.

  9. Uyghur.Adsense

    تەلەي بولسا نۇرمال ماڭىدۇ. لىكىن كىلىشىمگە خىلاپ