
PIN دىگەن نىمە؟
Google Adsense ئېلان كىرىمىنى تاپشۇرۋېلىشىڭىزنىڭ مۇھىم شەرتى PIN خېتى سىزنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىىڭىزنى ئىنىقلاش ۋە ھايات ئىكەنلىكىڭىزنى جەزىملەش ئۈچۈن ئامرىكا چوڭ قۇرۇقلىقىدىن ئىۋەرتىلىدىغان (11.4 x 15.2 厘米) كىلىدىغان ئۈستىگە Google دەپ يېزىلغان ئاق رەڭلىق ئىنتايىن ئاددى بولغان، ئىچىدە 5 خانىلىق جەزىملەش كودى بار بولغان كونۋېرىت .
پىن PIN نى نىمىشقا جەزىلەش كىرەك؟
ئېلان پۇلىڭىزنى ئېلىشىڭىزنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتى چۇقۇم بۇ خەتنى تاپشۇرۋېلىشىڭىز ھەمدە ئىچىدىكى شەخسىي جەزىملەش كودى دىگەن شۇ نۇمۇرنى Adsense ھىساباتىڭىڭ باشقۇرۇش رايۇنىدىن جەزىملەشىڭىز كىرەك.
يەنى قىسقارتىپ دىگەندە سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىزنى ئىنىقلاش ۋە بەلگىلەش ئۈچۈن.
PIN نى قانداق تاپشۇۋالىمەن؟
سىز ئېلان كودىنى توربىكىتىڭزگە قۇيغاندىن كىيىن ئېلان كىرىمىڭىز 10 دوللاردىن ئاشقان كۈننىڭ ئەتىسىلا ئۇلار سىزگە بەزىدە خەۋەر قىلماي ،بەزىدە خەۋەر قىلىپ بۇ كونۋېرتنى ئامرىكىدىن سىزگە يوللايدۇ.
شۇڭا ، پىن نىڭ سىزنىڭ قۇلىڭىزغا ئۇڭۇشلۇق تگىشى ئۈچۈن چۇقۇم ئادرىسنى توغرا، دەل يىزىش كىرەك.
پىن كونۋېرتى قانچە كۈندە كىلىدۇ؟
شىنجاڭ رايۇنىغا نىسبەتەن شەھەرلەرگە ئادەتتە 20كۈندىن 25 كۈنگىچە. يىزا قىشلاقلارغا نىسبەتەن 25كۈندىن 50كۈنگىچە. ئەمما 23كۈنگىچە تاپشۇرۇپ ئالالمىسىڭىز قايتا ئىلتىماس قىلسىڭىز بۇلىدۇ.
پىن نى جەزىملىمىسىمۇ بۇلامدۇ؟
پىن سىزنىڭ ئادرىسڭىزغا يوللىنىپ يەنى ئاددي قىلىپ دىگەندە سىز 10 دوللار تېپىپ 4ئايغىچە پىن كونۋېرتىتىنى تاپشۇرۇپ ئالالمىسىىز گوگىل ئېلانىڭىز ئاممىۋىي پاراۋانلىق ئېلانى چىقىۋالىدۇ. يەنى ھەقسىز ئېلان بۇلۇپ كۈرنىۋالىدۇ. 6 ئايغىچە پىن نۇمۇرىنى جەزىملىمىسىڭىز ئېلان ھىساباتىڭىز توختىتلىدۇ. ئىچىدىكى كىرىمىڭىز گوگىلنىڭ ھىساباتىغا ئەمەس بەلكى سىزنىڭ تور بىكىتىڭىزدە ئېلاى كۈرۈنگە ئېلان بەرگۈچى شەخىس ياكى شىركەتلەرگە قايتۇرۇپ بىرىلىدۇ.
ئەگەر مەن پىن نى تاپشۇرۇپ ئالالمىسام قانداق قىلىمەن؟
پىن نى تاپشۇرۇپ ئالالمىسىڭىز سىز پىن يوللىنىپ23كۈندىن كىيىن قايتا ئىۋەرتىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بۇلىدۇ. ئادەتتە 3 قىتىم قايتا قايتا ئىلتىماس قىلىش ھۇقۇقىڭىز بۇلىدۇ.
3 قىتىم ئىلتىماس قىلىمۇ يەنە تاپشۇۋالالمىسىڭىز ئۇنداقتا سىز كىملىك بىلەن سىزگە گوگىلدىكى ئادرىس بىلەن ئوخشاش بولغان بولغان ئادرىس بۇيىچە كەلگەن تىز پوچتا، ياكى شۇ ئادرىس چۈشۈرۈلگەن پۇل تۆلەش تالۇنى دىگەندەك 2 ئىسپاتنى سىكەنىرلەپ ئۇلارغا يوللاپ بىرىسىز. ئۇلارنىڭ ئالاقە ئېلخەت ئادرىسى:
adsense-zhs@google.com بۇ ئېلخەتكە خەت يازسىڭىز ئادەتتە تىز بولغاندا يىرىم سائەت بولمىسا 48سائەت ئىچىدە سىزگە ئۇچۇر قايتۇرىدۇ. سىز ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز ئۇلار سىزگە پىن نۇمىرىنى جەزىملەپ بىرىدۇ.
پىن نىڭ كونۋېرىتى قانداق بۇلىدۇ؟
پىن نىڭ كونۋېرتىتى ئىنتايىن ئاددىي بۇلۇپ، بىر تال قەغەزن ئوتتۇردىن قاتلىغاندەكلا ئاددىي كونۋېرت. ئۇنىڭ ئېچىلىدىغان يىرى پىلاستىر بىلەن ئىتىلگەن بۇلىدۇ.

يۇقارقىسى

يۇقارقىسى كەينى تەرپى.

ئۈستى تەرپى ئوڭ تەرپى. ئاستىدىكىسى بولسا ئىچى تەرپى.
بىز دىگەن پىن نۇمىرى دەل 88888 دىگەن شۇ نۇمۇر. بۇ نۇمۇرنى بىز جەزىملىسەكلا بۇلىدۇ.

بۇ يەردىن بىر قىسىم ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈشكە بۇلىدۇ ۋە يۇلۇققان مەسىلىنى ئىنكاس قىلىشقا بۇلىدۇ.
https://www.google.com/adsense/support/bin/request.py
پىن نى بىر نەچچە ئايغىچە تاپشۇرۋالالمىغان تورداشلار ۋە ئۇدا 2~3قىتىم پىن نى تاپشۇرۋالالمىغان تورداشلار چۇقۇمكى ئادرىسنى خاتا شەكلىدە تولدۇرغان ياكى كىملىكتىكى ئادرىسنى يازغان. ئادەتتە كىملىك تىكى ئادرىسقا ئاساسەن خەت تەگمەيدۇ.
ئادرىسنى تولدۇرۇش شەكلى بىر ئاز مۇھىم. خەنزۇچىدە 1-قۇرنى قانداق تولدۇرغان بولساق ئىنگىلىزچىدىمۇ شۇ بۇيىچە يەنى شۇ خەت ئۇدۇل كىلىشى كىرەك.