ئېلانىم نىمىشقا كۈرۈنمەيدۇ؟ يېڭىدىن ئېلان كودى ھاسىل قىلىپ بەتكە قويغاندا ئېلان5 مىنۇت كۈرۈنمەيدۇ.
بەزىلەر بۇ نىمە ئىشتۇ دەپ تۇلىمۇ ھەيرانلىق ۋە جىددىيچىلىك ئىچىدە ئەنسىرەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەنسىرىگۈدەك ئىش يوق.
يېڭىدىن ئېلان كودى ھاسىل قىلغاندا ئېلان كودى 5 مىنۇت تىن كىيىن ئاندىن كۈرنىدۇ. شۇڭا بەك جىددىيلىشىپ كەتمىسىمۇ بۇلىدۇ،

ياخشىمۇسىز؟
مەن گوگۇل ئېلانىغا يېڭى . بىرقانچە چۈشەنمىگەن جايلار بار ئىدى ، ئېغىر كۆرمەي چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز.
ئادەتتە بىر بىلوگقا ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچە دانە ئېلان قويغىلى بولىدۇ ؟ مەن باش بەتكە ئىككى ئېلان قويسام ، يەنى سەرلەۋھە ئاستىغا بىرنى ، ئەڭ ئاستىغا بىرنى ، مۇشۇنداق قويسام ئىككىسىنىڭ بىرسىلا كۆرۈنۈپ يەنە بىر سى كۆرۈنمىدى ، سىز دىگەندەك 5 مىنۇت ساقلاپ باقتىم ، بىر كۈندىن كېيىنمۇ شۇنداق ، كۆرۈنمىدى . يەنە ئارقا بەتتە (تېمىنىڭ ئۈستىدىلا ) بىرسىنى قويدۇم ، ئاندىن ئىنكاس يازىدىغان جاينىڭ ئۈستىگە بىرنى قويسام ، ئۇ نورمال كۆرۈنمىدى ، بىر كۈن بولدى.
يەنە بىر چۈشەنمىگەن جاي : ھازىر تۆت دانە كود ھاسىل قىلدىم ، ئۇ كودلارنى بىر بىلوگىمغا قويدۇم ، يەنە بىر بىلوگىمغا مۇشۇ كودلارنى قويسام بولامدۇ ياكى باشقا كود ھاسىل قىلىپ قويىمەنمۇ ؟ مۇشۇلارغا جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز.
http://uy-orla.blogbus.com
بۇ مېنىڭ بىلوگىم
بىر بىلوگقا ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچە دانە ئېلان قۇيۇشقا بۇلىدۇ؟
بىر بىلوگ قا قانچىلىك ئېلان قويسىڭز بۇلىۋىرىدۇ. قارىغاندا سىز سۇئالنى توغرا قۇيالمىغاندەك قىلىسىز. سىزنىڭ مەخسىتىڭىز: بىر بەتتە قانچە يەردە ئېلان كۈرۈنسە بۇلىدۇ؟ دىمەكچىدەك قىلىسىز. ئەمەلىيەتتىمۇ مۇشۇ سۇئال توغرا:
بىر بەتتە قانچە يەردە ئېلان كۈرۈنسە بۇلىدۇ؟
بىر بەتتە: 3 دانە يەنى 3 يەردە adsense单元广告 3
3 يەردە 文字连接广告 يەنى 连接广告
2 يەردە ئىزدەش كودى ئېلانى جەمىي 8 ئۇرۇندا ئېلان كۈرۈنسە بۇلىدۇ.
2-سۇئالىڭىز:
يەنە بىر چۈشەنمىگەن جاي : ھازىر تۆت دانە كود ھاسىل قىلدىم ، ئۇ كودلارنى بىر بىلوگىمغا قويدۇم ، يەنە بىر بىلوگىمغا مۇشۇ كودلارنى قويسام بولامدۇ ياكى باشقا كود ھاسىل قىلىپ قويىمەنمۇ ؟
يەنە بىر بىلوگىڭىزغا شۇ ئېلان كودىنى قويسىڭىز بۇلىۋىرىدۇ. تەسىرى يوق. باشقا ئېلان كودى ئالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
ئېلان كودى ھاسىل قىلىپ ئىشلەتمەي قۇيۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىۋىرىدۇ.
مېنىڭكى پەقەت ئىككىلا ئورۇندىكى يەنى باش بەت ئۈستى بىلەن ئارقا بەت ئۈستىگە قويغان ئېلان كۆرۈندى ، ئىنكاس ئاستىغا قويغۇنۇم بىر نەچچە كۈن بولدى ھازىرغىچە كۆرۈنمەيدۇغۇ؟
ئىزدەش كودىنى قانداق ھاسىل قىلىش توغرىسىدا بىر چۈشەنچە بەرگەن بوسىڭىز ، قىلالىساممۇ توغرا بولغانمىدۇ دەپ قالىمەن، يەنىلا سىز ئەدسېنىسقا سىز ئۇستا . مۇش ئىزدەش كودى ئېلانى توغرۇلۇق يول كۆرسەتسىڭىز.
ئىزدەش كودى بىلەن پۇل تېپىش مىنىڭچە بەك تەس… كىرىمىنى ئىنتايىن تۈۋەن. يەنىلا خەتلىك ئېلان شەكلى ياخشى…
ئېلاننىڭ كۈرۈنمەسلىكىدە ، سىز ئېلان كۈرۈنسۇن دەپ قىستۇرغان نىشان بەتكە قىستۇرغان ئېلان كودى 4 دانىدىن ئېشىپ كەتسە نۇرمال كۈرۈنمەيدۇ…..خۇددى يۇقارقىدەك مەسىلە يۈز بىرىدۇ..