Google AdSense ئېلانى ئېلىش چەكلەندىمۇ؟
ئۇيغۇر ئەدسىنىس Uyghur Adsense تور بىكىتىمىز بىرنەچچە ئايدىن بىرى كۆپلىگەن تور بىكەتلىرىمىزگە ۋاكالىتەن ئېلان ھىساباتى ئېلىپ بىرىپ كىلىۋاتقان. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇرچە ئىسىملارغا ئېلان ھىساباتى ئېلىش تۇيۇقسىز مەغلۇب بولماقتا. رەت قىلىنىش سەۋەبى ئېلخەتتە دىيىلىشچە ھەممىسى بىرخىل يەنى : تور بىكەت خاراكتىرى ماس كەلمىگەن دىگەندىن ئىبارەت.. ئەمەلىيەتتە بىز ئۇزۇندىن بىرى يىغقان تەجرىبىمىز ۋە تېخنىكىمىز ئارقىلىق ھەر كۈنى ئەڭ شەررتكە لايىق تور بىكەتلەر بىلەن ئىلتىماس قىلىساقمۇ نىمە ئۈچۈن رەت قىلىدۇ؟ ( ئەلۋەتتە ھەرگىز ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەر ئەمەس.). تور بىكەت ۋە تور نامىدا 100% مەسىلە يوق، پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ شەرتىگە ماس كىلىدۇ. يەنىلا رەت قىلىندى ھەم قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە يالغۇر ئۇيغۇر ئەدسىنىس تور بىكىتى يۇلۇققان مەسىلىمۇ؟
بۇ مەسىلىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن تاۋباۋدا، ناھايتى ئۇزۇندىن بىرى ۋاكالىتەن ئېلان ھىساباتى بىجىرۋاتقان بىر نەچچە كونا ئۇستاملارنىڭ قۇلى ئارقلىق 10نەچچە ئۇيغۇرچە ئىسىملارغا ئېلان ئىلتىماس قىلىدۇق. ئەپسۇس ھەممىسى رەت قىلىندى. ئۇلار بۇ تارىختا بىز كۈرۈپ باقمىغان ئەھۋال دەپ ياقىسىنى تۈتتى.
مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ، بېيجىڭدىكى ئەدسىنىس گۇرۇپپىسىدا تۇنىشى بار، ئۇزۇندىن بىرى تور بىكەت باشلىقلىرىغا ئېلان ئىلتىماس قىلىپ ئېلىپ بىرىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان يەنە بىرەيلەننىڭ ئىيتىشىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يەنى ئەدسىنىس پىلانى ۋە تۈر ھەمكارلىقى پىلانىدا ئۆز ئىچىگە ئالمىغان مىللەت تىلىدا ئېلان ئىلتىماس قىلغان ، باشقا خەنزۇچە تور بىكەتلەردىن ياكى ئىنگىلىز چە تور بىكەتلەردىن پايدىلىنىپ ئېلان ئىلتىماس قىلىپ ،تەستىقلانغاندىن كىيىن ئەدسىنىس قوللايدىغان تىلدىكى تور بىكەتكە قويماي ئىشىلتىدىغان شەكىللەرگە چەك قۇيۇش ئۈچۈن ئاز سانلىق مىللەتلەر جۈملىدىن شىنجاڭ دىكى بىر قىسىم مىللەت كىشى ئىسىملىرى بىلەن ئىلتىماس قىلىنغان ئېلان ئىلتىماسىنى رەت قىلىش باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
چۈنكى ئۇ كىشىمۇ 1 ھەپتىدىن بىرى ئۈزىگە ئېلان ئېلىپ بىرىشنى ھاۋالە قىلغان 7~8 ئۇيغۇرچە ئىسىمنىڭ ئىزچىل رەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى، مىنىڭ ئىشىمنىڭ قانداق بۇلىۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتۈرگەنىدى، مىنىڭ قۇلۇمدىمۇ تەخمىنەن 20 ئۇيغۇرچە ئىسىملار ( ھەممىسى ئۇيغۇر تور بىكەت باشلىقلىرى ئېلان ئېلىپ بىرىشنى ھاۋالە قىلغان) نىڭ بىر ھەپتىدىن بىرى ئىزچىل رەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئەدسىنىس گۇرۇپپىسىدا خىزمەت قىلىدىغان تۇنىشىنى ئىزدەپ يۇقارقى خەۋەرنى يەتكۈزدى.
يۇقارقى خەۋەر نى يەتكۈزۈپ 3 كۈنگىچە يەنە دۋاملىق رەت قىلىنىۋەرگەندىن كىيىن ئالدىنقى كۈنى ئويلىمىغان يەردىن 3ئېلان ئىلتىماسى تەستىقلاندى ئەمما يەنە 15 تىن ئارتۇق ئېلان ھىساباتى رەت قىلىنىۋاتىدۇ.
نۆۋەتتە ئەدسىنىس گۇرۇپپىسىدا 2 ئۇيغۇر نىڭ خىزمەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە كۇچا خەۋرى بار. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر نىڭ بارلىقنى جۇڭگۇ ئەدسىنىس خىزمەت بىناسىنىڭ مەخسۇس قاراۋۇلى بىزگە شۇنداق يەتكۈزگەن ئىدى. ئەدسىنىس خىزمەت بىناسى پۈتۈنلەي كىرىش چەكلەنگەن ئىكەن، ئىچىگە مۇناسىۋەتسىز ياكى يول خېتى يوقلارنىڭ بىنادىن كىرىشىگە بولمايدىكەن. بىز 1-قول رەھبەر بىلەن كۈرۈشمەكچى بولغاندا ئالدىنئالا كىلىشمىگەن بولسا ھەرقانداق ئەھۋالدا كۈرۈشۈشكە بولمايدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئەدسىنىس نىڭ ھويلىنىسنى بىر ئايلىنىپ قايتىپ كەلدۇق.
بىز يۇقارقى خەۋەرنىڭ يالغان بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. ئەمما ئەمەلىيەتتە ئىنىق تۇرۇپتىكى، ئۇيغۇرچە ئىسىملارغا ئېلان ئىلتىماسىنى تەستىقلاش بالدۇرقىدىن خېلىلا تەسلەشكەنلىكى مەلۇم.
بىز داۋاملىق ئەدسىنىس تا خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ئىزدرىكىنى قىلىۋاتىمىز ھەمدە مۇشۇنداق بىر ئىشنىڭ بار يوقلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز.
Google Adsense نىڭ مۇنبىرىدە ئەدسىنىس كە ۋاكالىتەن سۆز قىلىدىغان Adsense.Pro ئەپەندىم بۇنداق ئەھۋالنىڭ يوقىلىنى ئىنكاس قىلدى. بىراق ئەمەلىيەتتە ئىلتىماسلىرىمىزنىڭ تەستىقلانماسلىقىنىڭ ئۈزىلا بىر قىسىم ئەھۋاللارنىڭ بارلىقنى بىلدۈرىدۇ. بىزنىڭ تېخنىكا ۋە باشقا ئىشلاردا مەسلە يوق. يەنە كىلىپ باشقا خەنزۇ يولداشلارمۇ بۇنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن ماڭا ئېلان ئىلتىماس قىلىپ سىناپ ياردەمدە بولدى. بىز ھازىر يەنە سىناق شەكىلدە ھەرخىل ئۇسۇللار ۋە شەكىللەر بىلەن ئىلتىماس قىلىپ سىناۋاتىمىز. جۇڭگۇنىڭ ھەرقايسى ئۇرۇنلىرىدىن ئىلتىماس قىلىپ سىناۋاتىمىز. ئەگەر ئۇيغۇرچە ئىسىملارغا داۋاملىق تەستىق بەرمىسە كىيىنكى يىلنىڭ مۇۋاپىق پەيتىنى تاللاپ بىر قىسىم تور بىكەتلەرنىڭ باشلىقلىرىنى ۋەكىل قىلىپ بېيجىڭ ئەدسىنىس گۇرۇپپىسىغا ئىۋەرتىشكە ھەمدە ئۇيغۇرچە يىزىقنى قوللاش ياكى ئىلتىماس قىلغاندا تەستىقلاش ئىشى ھەققىدە سۆھبەتلىشىش خىزمىتى ئېلىپ بىرىشىمىز مۈمكىندۇر.
[ئەسكەرتىش: بىزگە ئېلان ھىساباتى ئېلىپ بىرىشنى ھاۋالە قىلغان ، ئەمما ھازىرغىچە ئېلان ھىسابتى قۇلىغا تەگمىلەرنىڭ ھاۋالىسى ئەمەلدىن قالدى. بىزمۇ ھازىرقى ئىزچىل رەت قىلىنىش ئىشىدا تورداشلارغا ئېلان ئېلىپ بىرەلەيمىز دەپ ۋەدە بىرەلمەيمىز. بۇ خەۋەرنىڭ ماھىيىتىنى ئىنىقلىغۇچە بىز داۋاملىق ئېلان ھىساباتى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلىپ ئېلىپ بىرىشنى توختتىمىز. )
http://www.googleelani.cn/ ئۇيغۇر ئەدسىىنىس مەركىزى ، ئۇيغۇر ئەدسىنسىرلار بىكىتى
http://www.uyghuradsense.cn/

بىز ۋاكالىتەن ئېلىپ بىرىش مۇلازىمىتىنى قىلمىساق بەرىبىر ئېلان لازىم بولغانلار تاۋباۋدىن يولداشلاردىن سېتىۋېلىۋىرىدۇ. يەنە كىلىپ يولداشلار بىزدەك نىسى ئېلان نى ئېلىپ بىرىڭ بىر، تەستىقلانغاندىن كىيىن تور بىكەتلىرىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بىرىڭ ئىككى، چ چ دا يىراقتىن كونتۇرۇل قىلىپ تەڭشەپ بىرىڭ ئۈچ، ئىزچىل ۋاقتىمىزنى مۇشۇلا رئۈچۈن ئىسراپ قىلىپ مەسلىھەت ۋە ياردەم بىرىڭ تۆت….. ساناۋەرسەك جىق. بۇنى يەنىلا بىز ئارقىلىق ئېلانغا ئىرىشكەن باللا بىر نەرسە دىسۇن. باشقىچە ئويلىنىپ قالماڭلار. خەنزۇلاردىن ئېلىپ بېقىڭىزلا! قانداق قىلىدىكىن؟ قايسى بىرى نىسى ئېلىپ بەر دىسە بىزدەك ماقۇل دەيدۇ؟ قايسى بىرى ھىساباتنى بىزگە بىرىپ بولغاندىن كىيىن ئېلان قۇيۇش جەھەتتە ياردەم قىلىدۇ؟ قايسى بىرى تاۋباۋ دا پۇل تۆلىيەلمەيمەن ياكى تور بانكا م يوق، ياكى مەن سەھرادا، بانكا يوق دىسىڭىز بىزدەك، پۇل سالغۇدەك شارائىت بولسا سېلىڭ. بولمىسا پۇل تاپقاندا كۆڭلىڭىزگە يىتىپ قالغان ۋاقىتتا بىرەرسىز دەپ ئېلاننى تۇتقۇزۇپ قۇيىدۇ؟
پالتىنى بىز چاپمىدۇق. پالتىنى جۇڭگۇلۇقلار ئاللا بۇرۇن ئۆز پۇتىغا چېپىپ بولغان. ئۇلارنىڭ شالتىقىنى بىزگە بۇلۇپمۇ ئېلاننى ۋاكالىتەن ئېلىپ بىرىۋاتقان بۇ بىر نەچچەيلەنگە دۆڭگەپ قۇيۇش تا بىرەر غەرەز بارمۇ؟يەنە كىلىپ بىز ئۇيغۇر غا دۆڭگەپ قۇيۇشتا مەخسەت بارمۇ قانداق؟ سەمىمىي تەكلىپنى سەمىمىيلىك بىلەن قۇبۇل قىلىمىز. تاۋباۋدىكى بىز دائىم پىكىر ئالماشتۇردىغان بىر نەچچە ساتارمەنلەر بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى تور بىكەتلىرىمىزنىڭ ھەر بىر ئېلان ئىلتىماس قىلغاندا بىر ئېلاننى 100يۈەن ئەتراپىدىكى باھا بىلەن ھەر بىر قىتىم 4~5 تىن بەزىدە 10 لاپ ئىلتىماس قىلىپ زاپاسلاپ قۇيىدىغانلىقىنى توختاپ كەتسە چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ھۇشيار تۇردىغانلىقىدەك قىزىق ھىكايىلارنى ئېيىتقاندا بىز نىمىنى ئويلىدۇق؟
ئاشۇلار خەجلىگەن پۇللار ئىسراپچىلىق ئەمەسمۇ؟ 100يۈەننىڭ يىرىمى تىجەپ قېلىنسا ئارتۇق كىتەرمىدى؟ ئاشۇنداق يۇقىرى باھادا خېلى كۆپ ئۇيغۇر باللارنىڭ خەۋرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئەمەلىيەتتەئۇنچىلىك قىممەت ئېلىشنىڭ ئورنى يوق. شۇنداقلارغا پايسىدى بۇلار، پۇلنى ئۇلارغا ئارتۇق تۇتقۇزۇپ يۈرگىچە ئۇنىڭدىن بىر ئىككى ھەسسە ئەرزان باھا بىلەن بىز ئارقىلىق ئېرىشسە بولمامدۇ دەپ ئويلاپ ئاسانلىق يارتىپ بىرىش مەقسىتىدە بۇ ئىشنى قىلىۋاتىمىز. نەتىجىدە بىز خېلى كۆپ ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىگە ياردەم قىلدۇق. ئەدسىنىس ھەققىدە بىلىمگە ئىگە قىلدۇق. قىسقىسى تەربىيلىدۇق دىسەكمۇ بۇلىدۇ. تور بىكىتىنىڭ خەنزۇچە ئىسمىنىمۇ يازالمايدىغان تالاي تور بىكەت باشلىقلىرىغا ئەدسىنىس ھەققىدە دەرىس ئۆتتۇق. چۈشەنمىسە چ چ دا يىراقتىن باشقۇرۇپ كۆرسىتىپ كىلىۋاتىمىز. قىسقىسى بىز ئەدسىنىس ھەققىدە تەربىيلەش ئېلىپ بىرىۋاتىمىز. ئەجىبا بۇلارنى بىز ئۇيغۇر ئەدسىنىس ۋە ئۇيغۇر ئەدسېنسىر دىگەن ناملار بىلەن ئالساق بولمامدۇ؟ بۇلىدۇ.
بىز ئىش باشلىغىلى 2 ئاي بولمىدى. بىر ئارقىلىق ئېلان ئالغانلار ئاز ئەمەس.
ھەممە ئادەم بىر ئايدىلا نەچچە يۈز دوللار تاپالمايدۇ. ئىككى ئۈچ ئايدا ئاران تاپىدۇ.
تەدبىركار ئەپەندىمدىن سوراپ بېقىڭ. ئىككى يىل ئاۋال ئالغان ئاۋۇ ئېلاننىڭ كىرىمى ھازىر جەمىي نەچچىلىك بولدى دەپ.
تاۋباۋ دا خەنزۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ئېلان ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر باللار ئاز دەپ قارامسىز؟ تاۋباۋ غا كىرىپ ئېلان ئىلتىماس قىلىدىغان خەنزۇ يولدشلاردىن سوراپ بېقىڭ، سىلەردىن ئېلان ئالىدىغان ئۇيغۇرلار بارمۇ دەپ!
ئەپسۇس….
توربېكەت تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىدا ئىقتىسادى مەسىلە 1- تۈپ مەسىلە شۇنداقلا ھالقىلىق مەسىلە!
بىزنىڭ مەقسىدىمىز تور بىكەت باشلىقلىرىنىڭ ئاشۇ ئىقتىسادىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم قىلىش خالاس.
تور نام مەسىلىسى كىچىك مەسىلە. ئۇنى زورلاپ خەلىقئارالىق قانۇنغا سېلىش بىر ئاز ئىشىپ كەتكەندەك ھىس قىلدۇق. گوگىل نىڭ ئۈزىدىن گوگىل دەپ ئىنگىلىزچە ئىزدىسەك 33,500,000 دانە نەتىجە چىقىدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇنلىرى گوگىل نامىنى قۇشۇپ ئىشلەتكەن تور بىكەتلەر. ئەدسىنىس دەپ ئىزدىسەك ئەدسىنىس نىڭ ھەر خىل ۋاريانتىدىكى نۇرغۇنلىغان بىكەتلەر چىقىدۇ.
ئۇيغۇر دىگەن بۇ ئىسىمنى بۈگۈن بىز ئالمىساق ئەتە ھامان بىرسى ئالىدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە بالدۇر ئالغانلىقلا خالاس.
ناۋايى، تەجەللىي، …نۇرغۇن ئىسىملارنىڭ ناباپلارنىڭ بۇرۇن تىزىملىتىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن ناخشا مۇزىكا، كىنۇ تور بىكەتلىرىگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىدىن ئادەمنىڭ كۆڭلى يىرىم بۇلىدۇ. ئۇيغۇر ئەدسىنىس ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدسىنىسى ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلان مەركىزىگە ئايلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. دۇنيادا مىڭلىغان ئونمىڭلىغان ئەدسىنىس ۋە گوگىلنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلغان توربىكەت ۋە شىركەتلەر ساماندەك.
ئەنە شۇلاردىن ھالقىپ ئاسىيانىڭ مەركىزىدىكى چۆللۈكنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان كىچىككىنە شەھەردە ئاران جان بىقىۋاتقان بىزدەك بىر ئىككى ئادەمگە ئامرىكىدىن سوت چاقىرىق قەغىزى تاپشۇرۋالىدىغانلىقمىزغا ئىشەنمەيمىز. «ساختا كۆرۈنۈش پەيدا قىلىشى » بۇ سۆزدە بىر غەرەز بارلىقىنى پەملىدۇق. قانداق سۆزلەر بولسا چىقرايلىق، ئوبدان مەسلىھەتلەشسەك بۇلىدۇ. ئاخىردا يەنە ئەسكەرتىپ قويساق، بىز ۋاكالىتەن ئېلان ئېلىپ بەرمىسەك تور بىكەت باشلىقلىرى بەرىبىر تاۋباۋدىن خەنزۇلاردىن سېتىۋالىدۇ. يەنە كىلىپ بىزدىن كۆپ قىممەت باھادا سېتىۋالىدۇ. بۇ يەردە مەسئۇلىيەتنى زورلاپ بىزگە ئارتىپ قۇيۇش ئېشىپ كەتكەنىلىك.ياخشى نىيەتلىك كۈڭۈلللەرنىڭ بالا ۋاقتىدىلا تۇنجۇقۇپ كەتمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
ئاللاھ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرسۇن.