
گوگىل ئېلانى قۇيۇشقا بەك ماس كىلىدىغان تور بىكەتلەر ھەققىدە
بۇ مەسىلىنى چۇقۇم ھەر بىر بىكەت باشقۇرغۇچى بىلىۋېلىشى زۈرۈر. چۈنكى بىكىتىنىڭ گوگىل ئېلانىغا ماس كىلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ گوگىل ئېلانى قۇيۇپ پۇل تېپىش خىيالىغا بۇلىدىغانلار ساماندەك. بىز ئۇيغۇر تور بىكەت باشلىقلىرىغا ئاگاھلان دۇرۇش بىرىمىز . ھەرقايسىڭىزلارنىڭ گوگىل ئەدسىنىس پىلانى تۈزىمىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلىنىپ ئاسان توختاپ كەتمەيدىغان ۋە گوگىل قوللايدىغان تور بىكەتلەرنى بىلىۋېلىشىڭزلارنى ئۈمۈد قىلىمىز. بۇ سىزنىڭ كىرىمىڭىزنىڭ بىخەتەر، ئۇڭۇشلۇق بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. 1. كومپىيۇتىر ساھەسگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەر -ماقالىلەر.كومپىيۇتىر بىلىملىرى، يۇمشاق دىتال بىلىملىرى ،كەسپىي يۇمشاق دىتال بىلىملىرى، linux ، ساندان ، ۋىندوۋس تور بىخەتەرلىكى ، تور بىكەت قۇرۇش ۋە باشقا كەسپىي يۇمشاق دىتال خەۋەر-بىلىملىرى سۆزلەنگەن تور بىكەتلەر. 2. كارخانا-شىركەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك تور بىكەتلەر ،سانائەت مەسھۇلاتلىرى، يېزا ئېگىلىك تېخنىكىللىرى ۋە مەسھۇلاتلىرى سۆزلەنگەن تور بىكەتلەر بەكرەك قارشى ئېلىنىدۇ. 3. ئاياللارغا ئائىت تور بىكەتلەر.مەسىلەن: سېمىزلىك، ئاياللار ساغلاملىقى، ئاياللار كىيىم كىچەك،زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ھەققىدىكى ۋە ھۆسىن تۈزەش، يىمەكلىك … قاتارلىق مەزمۇنلار بار تور بىكەتلەر. 4. ئىزدەش ماتۇرى ھەققىدىكى كەسپى تور بىكەتلەر ۋە seo مەسھۇلاتلىرى . 5. تۈزۈمگە خالاپ بولمىغان ھەرخىل مۇنبەرلەر ۋە بلوگلار.
ھازىر ئۇيغۇر تور بىكەتلىرى ئىچىدە گوگىل ئەدسىنىس كىلىشىمنامىسى بۇيىنچە ھەقىقىي تەكشۈرۈپ ، شاللاپ كەلسەك گوگىل ئېلانى قۇيۇپ پۇل تېپىش سالاھىيىتى بار تور بىكەتلەر ئىنتايىن ئاز. بىراق، ھىلىمۇ ئۇيغۇر تور بىكەت باشقۇرغۇچىللىرى كۈپۈيىۋاتىدۇ ھەم زورىيىۋاتىدۇ.. شۇنداقلا پۇل تېپىش قىزغىنلىقىڭلار ھەسسىلەپ ئېشىۋاتىدۇ. بارىكاللا. بىراق، ئەدسىنس پىلانى تۈزىمىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ بۇل تېپىش ئۈزىڭىزنىڭ ۋاقتى ۋە زىھنىڭىزنى ئىسراپ قىلغانلىق. ئەدسىنىس ئېلانى قۇيۇشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى 2 سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ئەدسىنىس پىلانى تۈزىمىنى ئۇقۇپ چىقشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇنىڭدا نۇرغۇن بىلىملەر بار. نۇرغۇن سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاب تاپالايسىز.ئاندىن ئەدسىنىستىن قانداق پۇل تېپىش كىرەكلىنى بىلىپ يىتەلەيسىز.

دېمەك يېزىق بار بولغان بەتلەر بەك ياخشى دېمەكچىمۇ؟
شۇنداق. يەنە كىلىپ ئىجادىي ۋە تېخنىلىق ماتىرياللار بولسا بىر قەدەر ماس كىلىدۇ. گولنىڭ ھالقىلىق سۆزنى ئىشىلتىش ھەققىدىكى تېمىمىز بار ئىدى. سىز ئۇ تېمىنى بىلىك تور بىكتىنىڭ نادىر يازمىلار قاتارىدىن تاپالايسىز. كۈرۈپ بېقىڭ.